جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

جەمىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى
ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى / جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

26.06.2018 22:07:09

جەمىيىتىمىز مەسئۇللىرى ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى

17 - ئىيۇن، جەمىيىتىمىز مەسئۇللىرى ھىيىت پەتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرمانىيەدە تۇرۇشلۇق پىشقەدەم ئىنقىلاپچى ئابدۇجەلىل قاراقاش ئەپەندى ئائىلىسىگە زىيارەتكە باردى. ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندى 22 يىل ئاۋال شەرقى تۈركىستان ئىنڧورماتسىيۇن مەركىزىنى قۇرۇپ، مۇستەملىكە ۋەتىنىمىزدىكى ئېغىر زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، 2003- يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىرورچى ئورگان دەپ تۆھمەت قىلىنغان. بىز ئابدۇلجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ ۋەتەن- خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېنىمسىز تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ۋە ئابدۇجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە بەرىكەت تىلەيمىز! ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 2018- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى
ئۆسمۈر بالىلار دەرسلىرى داۋاملاشماقتا
ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى / جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

30.05.2018 13:23:04

ئۆسمۈر بالىلار دەرسلىرى داۋاملاشماقتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار جەمىيىتىمىزدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆسمۈرلەر تىل – مەدەنىيەت دەرسلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. دەرسلەردىن ئۇيغۇر تىلى، قۇرئان ساۋادى، ئىنگىلىزتىلى، ئۇيغۇر تارىخى قاتارلىق دەرسلەر بار بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى كۈن ئۆتۈلىدۇ. پەرزەنتلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆز- ئارا بىرگە ئوينىشىمۇ ئۇلار ئارىسىدا قىرىنداشلىق مۇھەببىتىگە ئۇل سالىدۇ، مىللىي روھنى كۈچەيتىدۇ. يىقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ئاتا- ئانىلار، قەۋىم قىرىنداشلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار