مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭىلانغان تارىخ: 05.01.2017 17:13:44 يوللانغان تارىخ: 05.01.2017 17:13:44 0 5195

جەمىيتىمىزدە مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۈگىنىلدى

جەمىيتىمىزدە مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئەسلەندى.

2017 -يىلى 1-يانۋار يەكشەنبە ئېلىپ بېرىلغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇتۇشقا بېغىشلاندى.

شۇ يەر ۋاقتى پېشىندىن كىيىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان مەزكۇر پائالىيەتتە، مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە پىكىر-قاراشلىرى تونۇشتۇرۇلدى ۋە مەرھۇمغا دۇئايى-تىلەكلەر بولدى. كۆپچىلىك ئىنساننىڭ ھايات-ماماتىغا ئالاقىدار ئىلاھىي نەسىھەتلەردىن ۋاقىپلاندى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئەركىن سۆھبەتلەردە بولغان جامائەت، تۈرلۈك ساھەلەردە مۇڭدىشىپ، شام نامىزىدىن كىيىن قايتىشتى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باش مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، بۇ يىلنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى، مەرھۇمغا ئاتاپ ئويۇشتۇرۇشتىكى مۇددىئا توغرىلىق ئىزاھات بەردى ۋە پائالىيەتتىن مەلۇمات بەردى.

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ۋە قىممەتلىك ھاياتىغا ئالاقىدار بىلىدىغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆز-ئارا دىدارلىشىش، ھال-مۇڭدىشىش، ئەركىن سۆھبەت، دىنىي تەلىمات، ئىبادەتكە ئالاقىدار كوللېكتىپ پائالىيەتلەر مەزمۇن قىلىنىپ كەلمەكتە.

مەنبە :رف ئا

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار