ئايلىق سۆھبەت ئىلانى

يېڭىلانغان تارىخ: 28.03.2017 01:46:18 يوللانغان تارىخ: 27.03.2017 14:38:29 0 9135

بارىن ئىنقىلاۋى سۆھبىتىگە تەكلىپ(دولقۇن ئەيسا )

 

خىتتاي تاجاۋۇزچىلرىغا قارشى كۆرەش قىلىش ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز ئەيىن بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر نىڭ بۇ داۋا يولىدا قولىدىن كىلىشچە ھەركەت قىلىشى، قۇرئان ۋە سۈننەت ئۇنىڭغا بۇيرۇغان مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بىرى.

ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى مۇسۇلمان چاغلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈز مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ ، قىچىپ قۇتۇلالمايدىغان پەرىز ئەيىن ئىبادىتىدىن قاچماقتا ۋە سەل قارىماقتا ھەمدە ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان پەرىز ئىبادىتىنى بىرقىسىم تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە ئاتىپ قويۇش بىلەن ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىگە بانا ئىزدىمەكتە .

ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقى تۈركىستان خەلقىنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەر بىر ئۇيغۇرغا پەرىز بولۇپ ئاللاھ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ -: سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان كىشىلەرگە قارشى سىلەرمۇ كۆرەش قىلىڭلار ، تاجاۋۇز قىلماڭلار ، تاجاۋۇزچىلارنى ئاللاھ دوست تۇتمايدۇ.(بەقەرە 191)

كومۇنىستلار ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان شۇ كۈندىن بۇيان خەلقىمىز تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتتاي زۇلمىغا قارشى قاخشاتقۇچ زەربە بولغان بارىن جىھادى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى جاسارىتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىردىن بىرى ئىدى.

تارىخى كۈرەشلىرىمىزنى ئۇنۇتماسلىق ، ئۇلاردىن تەجرىبە -ساۋاق ئىلىپ بۇندىن كىيىنكى مۇجادىلىمىزگە ئۆرنەك قىلىش ، قەھرىمانلىرىمىزنى يادلاپ تۇرۇش ۋە شەھىدلىرىمىزنى ئەسلەپ دۇئا -تەلەپ قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىمىزدىكى 4-ئاينىڭ 2- كۈنى يەكشەنبە سائەت 13:30 دە مەركىزىمىزدە بارىن ئىنقىلاۋىدا شەھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلەش پائالىيتى ئىلىپ بىرىلماقچى ھەمدە پائالىيتمىزدە ئالاھىدە تەكلىپلىك مىھمان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كاتىۋى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى (شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىدە بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ رولى)  تىمىسىدا لىكسىيە بەرمەكچى .

كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ پائالىيەتكە ۋاختىدا قاتنىشىپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئورنى: BERGWEG 151 3707AC ZEIST

ھۆرمەت بىلەن : ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار