مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 01.06.2017 20:59:10 يوللانغان تارىخ: 27.05.2017 13:25:05 0 6320

ئىپتار پالىيتىمىزگە تەكلىپ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ،

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇتلۇق ئايلىرىدىن رامىزان ئىيى يىتىپ كەلمەكتە ،بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  ئالدىمىزدىكى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى جۈمە ، گوللاندىيە ۋە قۇشنا دۈلەتلەردىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى ئىپتارلىق پائالىيتىمىزگە تەكلىپ قىلىمىز .

بۇ قىتىملىق ئىپتالىق پالىيتىنىڭ كۈلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ ، پالىيەتكە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى تەۋە 120 جامىنىڭ ئىدارە ھەيئەت باشقانلىرى ۋە  مىللى گۆرۈش تەشكىلاتىغا تەۋە  45 جامىنىڭ باشقانلىرى ، ئۆلكۈجۈ پارتيسى تەشكىلات باشقانلىرى  ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىغا يىقىن بولغان داۋا دوسلىرىمىز تەكلىپ قىلىندى .

شۇنىڭ بىلەن بىرگە پائالىيتىمىزگە تۈركىيە قەھرىمان ماراش ئۈنۋىرىستىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان  دوكتۇر ئالىمجام بۇغدا ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى دۇنيا خەلقىغە كەڭ كۈلەمدە ئاڭلىتىش ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇگۈنكى خەتەرلىك ئەھۋالىدىن ئىپتار ئەھلىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ، دوكتۇرىمىز ئالىمجان ،)ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالى ( تىمىسىدىكى سەمىنەرىنى مىھمانلارغا سۇنماقچى ،.

كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ بۇ قىتىملىق بۈيۈك ئىپتارلىق پالىيتىگە ۋاقتىدا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاقتى : 19:30جۈمە ئاخشام

(ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانچە كىشى كىلىدىغانلىقىڭىزنى چوقۇم بىزگە خەۋەر قىلىڭ!)

ئالاقىلاشقۇچى : ئوبۇلقاسىم
تېل نۇمىرى :  0634500475 

 

ئورنى؛  JAGDISH CULTURAL CENTER

Steenhovenweg 5 3532 AE Utrecht  

 

ھۈرمەت بىلەن : ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

 

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار