جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 04.06.2017 18:19:13 يوللانغان تارىخ: 04.06.2017 18:19:13 0 6282

جەمىيتىمىزدىن تەشكىللەنگەن كىشىلەر بىلگىيەدە نامايىشقا قاتناشتى

بېريۇسسېلدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭغا قارشى نامايىش بولدى

2- ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق فېدىراتسىيۇنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بىلگىيە تىبەت تەشكىلاتى بىرلىكتە بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا كومتېتى ئالدىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ  زىيارىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

نامايىشقا فىرانسىيە, شىۋىتسىيە ، گىرمانىيە ، قاتارلىقلار دۈلەتلەردىن كەلگەن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى . ئۇندىن باشقا جەمىيتىمىزدىنمۇ يەنى گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 4 ماشىنىدا 20 نەپەر كىشى قاتناشتى .

نامايىشتا قاتناشقۇچىلار، خىتتاي زالىم ھاكىميىتىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچىياڭغا قارشى شۇئارلار تۇۋلىدى، ۋە ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى مۇھىم سۆز قىلدى .  ئاخىردا ھەر قايسى دۈلەتلەردىن كەلگەن ئامما خاتىرە رەسىمگە چۈشكەندىن كىيىن دۈلەتلىرىگە قايتىشتى .

ي ش ت م جەمىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار