جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 27.06.2017 10:33:33 يوللانغان تارىخ: 27.06.2017 10:33:33 0 8704

جەمىيتىمىزدە روزا ھېيىت نامىزى ئوقۇلدى

6-ئاينىڭ 25- كۈنى يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 9:00 دا, ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىدە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى .نامازغا ئەر-ئايال چوڭ - كىچىك 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ جەمىيەت ئىمامى ئابدۇراھمان قارىھاجى روزا ھېيت خوتبىسىنى ئوقۇدى. ئۇ خوتبىسىدە ئىمان ۋە ئەخلاق توغرىسىدا توختىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ ئەخلاقىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى لازىملىقىنى ھەر بىر ئەر ئايال مۇسۇلمان ئۆز ئەخلاقىنى ھىمايە قىلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇئا تەگبىرلەردىن كىيىن نامازغا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە ئاللاھقا ھەمدە ئيتىش بىلەن بىر بىرىنى قۇتلاشتى.

بىر نىيەت بىر سەپتە نامىزىنى ئادا قىلغان جامائەت رەتكە تۇرۇشۇپ قىرىنداشلىق مېھرى بىلەن بىر بىرىنى قۇچاقلاشتى ھەمدە بىرلىكتە غىزالاندى .
ھېيتلىشىش شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىغىچە داۋاملاشقاندىن بولۇپ ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىم بۇ قىتىملىق جامائەت نامىزىغا كەلگەن پۈتۈن قىرىنداشلارغا رەھمىتنى ئىيتىش بىلەن پىرۇگىراممىنى ئاياقلاشتۇرغانىن كىيىن ھەممەيلەن خۇشال خۇرام ھالدا ئۈيلىرىگە قايتىشتى.

ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار