مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 01.02.2018 20:50:30 يوللانغان تارىخ: 31.01.2018 09:52:19 0 11090

مەرھۇم ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن جىنازە نامىزى ئوقۇلىدۇ

مەرھۇم ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن جىنازە نامىزى ئوقۇلىدۇ

مىھنەتكەش ئالىم، پەخىرلىك ئۇستاز، شەھىد مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈرۈمچىدە خىتاي تاجاۋۇزچى جاللاتلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 45 كۈندىن كىيىن شەھىد بولغان. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتقايمىز! 

تىرىشچان تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام 1936- يىلى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر ئالىم سالىھ داموللاھاجىمنىڭ ئۆيىدە تەۋەللۇت بولغان بولۇپ، 2018- يىلى يانۋاردا خىتاي تۈرمىسىدە شەھىت قىلىنغاندا 82 ياشتا ئىدى.
مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىمىز 2-ئاينىڭ 4- كۈنى ئايلىق سۆھبەت ۋاقتىدا گوللاندىيەدىكى شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلارنى شەھىد ئۇستازىمىزنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزىغا تەكلىپ قىلىمىز. قىرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

جىنازە نامىزى ئوقۇلىدىغان ئورۇن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى
ۋاقتى: 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 1:30

 

ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار