جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.02.2018 20:57:57 يوللانغان تارىخ: 31.01.2018 09:54:04 0 9640

مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋاپاتىغا تەزىيەنامە

 

 مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋاپاتىغا تەزىيەنامە

2018- يىلى 29- يانۋار ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى يىتۈك ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە شىھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى زىل- زىلىگە سىلىپ، ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان تەقىپ ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇھەممەد سالىھ داموللام ۋە قىزى نەزىرە، كۈيئوغلى ئادىل تۇنىيازلار 2017- يىلى دىكابىردا  لاگىرىغا تۇتۇپ كىتىلگەن، مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتتىق قېيىن- قىستاققا ئىلىنىپ شىھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئارقىلىق جامائەتكە ئاشكارە قىلىنغان.


شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئىتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن، " قۇرئان كەرىم" ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، "سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى"، " ياخشىلار باغچىسى"، "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى​ڭ تەرجىماھالى" «قۇرئان كەرىمنىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»، «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» قاتارلىق بىباھا كىتاب ۋە ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تەقدىم ئەتكەن مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىسلام ئالىمىدە چاقنىغان يورۇق بىر يۇلتۇز ئىدى. مۇھەممەد سالىھ داموللام تۈزگەن "ئەرەبچە- ئۇيغۇرچە" چوڭ، كىچىك لۇغەتلەر ئىلىم ھەۋەسكارلىرىغا تولىمۇ مەنپەئەتلىك بايلىق ئىدى. شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلاردا قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بىرىپ، كىتاب تۈزۈپ تەييارلاش خىزمەتلىرىگە جاپالىق ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن ئىدى.

مۇھەممەد سالىھ داموللام مىڭى يىللىق شاھانە كىتابلىرىمىز تۈركى تىللار دىۋانى ۋە قۇتادغۇبىلىك سەمەرىسىگە: " تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا"، "تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش"، "قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى"، "قۇتادغۇبىلىكتىك​ى «ھاجىب» سۆزى ھەققىدە" قاتارلىق ئېسىل تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەقدىم ئىتىپ، كەسپى خادىملارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان. مەدەنىي مىراسلىرىمىزدىن يەنە «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، "تۇتنامە"، " مۇھەببەتنامە"، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن. مۇتەپەككۇر ھۈسەيىن تەجەللى شېئىرلىرى تەتقىقاتى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام تارىخىغا دائىر ماقالىلىرى ۋەتىنىمىزدىكى نوپوزلۇق كەسپىي ژورناللاردا نەشىر قىلىنغان ئېدى. ساناپ كەلسەك، مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قەلەم خىزمەتلىرى تولىمۇ بۈيۈك، پۈتۈن ئالىملىرىمىز ئارىسىدا يۈكسەك ئىلمىي قۇۋۋىتى بىلەن يىتۈكتۈر!

ئەنە شۇنداق مىھنەتكەش، تۆھپىكار ئالىمىمىزنىڭ زالىم خىتاي تۈرمىسىدە شىھىت قىلىنغانلىقى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق ئەزدى ۋە قايغۇردۇق! [مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىدە چىڭ تۇرغان شۇنداق ئەزىمەتلەر باركى، ئۇلاردىن ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ ئۆلگەنلەرمۇ بار، ئۆلۈمنى كۈتىۋاتقانلارمۇ بار، ئۇلار ئەھدىسىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن] جانابى ئاللاھ مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمنى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە جەننەتى فىردەۋستە قىلىشىنى تىلەيمىز!
شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتى شېھىت قىلغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قان قىساسىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ! بىز زىمىنىمىز، دىنىمىز، مىللىتىمىزنى قوغداش، زالىم خىتايلاردىن قان قىساسىمىزنى ئىلىش ئۈچۈن جانابى ئاللاھتىن خەلقىمىزگە نۇسرەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز!

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار