جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 02.05.2018 08:14:55 يوللانغان تارىخ: 02.05.2018 08:08:54 0 7966

گوللاندىيە جامائىتى 27- ئاپرىل نامايىشىغا قاتناشتى

27- ئاپرىل، گوللاندىيە ئۇيغۇر جامائىتى بىلگىيە پايتەختى بىرۇسسىلدا ئىلىپ بىرىلغان نامايىشقا ئاكتىپ قاتناشتى. نامايىش پائالىيىتى كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ناھايىتى جانلىق ئىلىپ بىرىلدى. يىراق- يىقىن 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇزۇن سەپ تارتىپ، ئاي- يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىرۇسسىل كوچىلىرىدا لەپىلدەپ، خىتايغا قارشى شۇئارلار پەلەككە يەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىناسى ئالدىدا ئىككى سائەت ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى تەسىرلىك نۇتۇقلار، ياڭراق شۇئارلار بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ پەريادىنى ئاڭلاتتى. جۈملىدىن گوللاندىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەيسا قارىممۇ سۆز قىلدى.

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار