مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 26.06.2018 22:18:53 يوللانغان تارىخ: 26.06.2018 22:18:53 0 7921

تەتىللىك كۇرس ئۇقتۇرۇشى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار جەمىيىتىمىز 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تەتىللىك كۇرس ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، دەرسلەر ھەپتىدە تۆت كۈن، ھەر كۈنى بەش سائەتتىن ئۆتۈلىدۇ. دەرس ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە، دۈشەنبە كۈنلىرى ئۆتۈلىدۇ، 16~12 ياشلىق ئوقۇغۇچىلار جەمىيەتتە مۇقىم قونۇپ ئوقۇيدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلەردىن باشقا يەنە دالا پائالىيىتى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى، كۆڭۈل ئىچىش ئويۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كۇرس قۇربان ھېيىتغىچە داۋاملىشىدۇ، ئايال كۇرسانتلارغا ئايرىم سېنىپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. تىزىملاش ئىختىيار قىلغانلارنىڭ ئابدۇلۋاھاب قارىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، 7- ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلۋاھاب قارىم تىلىڧۇن: 0643409972 ۋاقىت: 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ئورنى: Laan van vollen hove 2195 3706GW Zeist ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

#

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار