مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 10.07.2019 21:56:06 يوللانغان تارىخ: 10.07.2019 21:56:06 0 1877

3- قىتىملىق ئانا-بالىلار ئۇچۇرشىشى- دالا پائالىيىتىگە تەكلىپ

2019-7-10

-ھەي ئۇيغۇرخان، نىمىلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز، جانىم؟

-ۋاي ئاداش، تەتىل بولدى، باللارنى ئۇ بۇ باغچىلارغا ئاپىرىپ ئويناتتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە مەكتەپكە بامىغاندىكىن سەل ئىچى پۇشۇپ قالامدۇ، كۈندە مىنى جىق ئاداشلارنىڭ يىنىغا ئاپا، دەپ تۇرۋىلۋاتىدۇ. نەگە ئاپاسام بولا، دەپ باش قاتتۇرۇپ ئولتۇرۇشۇمتى.

- ۋاي، مۇنداق دەڭ. بىزنىڭ باللارمۇ شۇ. تەتىلدە ئاساسەن ئۆيدە بولغاچقا زېرىكىپمۇ قالىدىكەن. مەن بالىلار ۋە ئانىلار ئۈچۈن مۇنداق بىر پەيزى خەۋەر ئاڭلىدىم قاراڭ.

- ۋاي قانداق خەۋەر، تىز دەڭە.

- مانى ئۇقۇڭە جانىم.

3- قىتىملىق ئانا-بالىلار ئۇچۇرشىشى- دالا پائالىيىتىگە تەكلىپ

ھۆرمەتلىك ئانىلار ۋە ئۇماق كىچىك ئاداشلار ياخشىمۇسىلەر :

يازلىق تەتىل كۈنلىرىڭلارنى تىخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ، ئانا-بالىلار ئۇتتۇرىسىدا تىخىمۇ يىقىنلىق ھاسىل قىلىش ۋە شۇنداقلا بالىلىرىمىزنىڭ قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇر ئاداشلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ، توپلام تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى بىلەن بىرگە ئانىلارنىڭ بالىلارنى بىرلىكتە ئوينۇتۇپ، خۇشال كەيپىياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، بىز سىلەرگە بىر قىتىملىق دالا سەيلىسى- دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردۇق. پائالىيتىمىز زېيسىتتىكى مائارىپ جەمىيىتى بىناسى ئارقا تەرىپىدىكى ئورمانلىقتا ئۈتكۈزىلىدۇ، بۇ يەردە كەڭرى مەيدان، چىملىقلار بۇلۇپ، ھەرخىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە ئوپچە ئۇيۇنلارنى ئويناشقا، دالا تامىقى يىىشكە تۇلىمۇ ماس كىلىدۇ. پائالىيىتىمىزدە ئانا- بالىلار ئاغامچا تارتىشىش، ياغلىق تاشلاش، قارا-قارا قۇشلارىم، ئاق تېرەك- كۆك تېرەك قاتارلىق ھەرخىل قىزىقارلىق بالىلار ئۇيۇنلىرى، سۆز ئۇيۇنى، شېئىر-قوشاق ئۇقۇش قاتارلىق بىر قاتار ئۇيۇنلار ۋە ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ بۇ ئۇيۇنلارنىڭ ھەممىسنى ئانىلار بالىلار بىرلىكتە ئوينايدۇ. ئۇندىن باشقا تاماق، ھەرخىل تاتلىقلار، مىۋىلەر ۋە ئىچىملىكلەر تەمىنلىدىغان بولۇپ، بىردەك ھەقسىز. تەتىل كۈنلىرىڭىزدە بالىلىرىڭىزنى ئىلىپ كىلىپ ، مەنىلىك بىر كۈن ئۈتكۈزىشىڭىزگە تەكلىپ قىلىمىز.

پائالىيەت ۋاقتى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى شەنبە چۈشتىن كىيىن 1-6 غىچە

پائالىيەت ئادىرسى: LAAN VAN VOLLENHOVE 2193, ZIEST

تەشكىللىگۈچى ئورۇن:
مائارىپ جەمىيىتى ئاياللار بۈلۈمى

ئەسكەرتىش:

1.ماشىنا توختىتىش ۋە يىمەك-ئىچمەك بىردەك ھەقسىز، ئاپتۇبۇس بىكىتىگە قۇلايلىق

2.بالىلارنىڭ ياش دائىرىسى چەكلەنمەيدۇ

3. پائالىيىتىمىز ئانىلار ۋە بالىلار ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

4. كىچىك ئۇماق دوسىتلىرىمىزنىڭ ئۆزى ماھىر بولغان نۇمۇرلارنى تەييارلاپ كىلىىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز

كىنىشكە:

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار