جەمىيتىمىز خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 11.09.2015 18:34:39 يوللانغان تارىخ: 11.09.2015 18:34:39 0 4319

جۈمە ئىلانى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، گوللاندىيەدىكى ئەزىز ئۇيغۇر قىرىنداشلار ،
ئۇيغۇر خالقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ، ئەنە شۇ ئەزىز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ،  مۇساپىرلىقتا ،مۇھاجىرلىقتا ،سەرسانلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىردىن بىرسى خىتتاي زالىملىرنىڭ دىنى ئىتىقادىمىزنى چەكلىگەنلىكىدىندۇر.
كەرەملىك ئاللاھ ئۆز رەھمىتى بىلەن زىمىننىڭ كەڭرى يەرلىرىدە بىرقىسم بەندىلىرگە دىنى ھەققىلىرىنىڭ ئېشىگىنى ئېچىپ ئۆزجەمئىيەتلىرىنى ،جامى - مەسجىدلىرىنى قۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى .مانا بۇ 2- يىلدىن بىرى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ مەسجىدىدە  ئۆز تىلىمىزدا خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھ بىزگە ئىلتىپات قىلغان جۈمە نامىزى بىرلىكتە  ئادا قىلالايدىغان شارائىتقا ئىگە بولدۇق .كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرقىنداشلىرىنىڭ ئاللاھ بىزگە ئىلتىپات قىلغان دىنى ئەركىنلىكىنىڭ قەدرىگە يىتىپ مەسجىدلىرىمىزنى تىخىمۇ ئاۋات قىلىشىنى  دۇئا تەگبىرلىرىمىزنى بارابەر ئوقۇپ ئىجاۋىتى جامائەتنىڭ ئۈستىدە بۇلغان ئاللاھنىڭ مەقبۇللۇقىغا ئىرىشىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ھەر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى بىرلىكتە ئوقۇلىدۇ.
 bergweg 151 ئورنى : ئۈترىخ زەيست 
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى .

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار