مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 18.09.2015 21:01:49 يوللانغان تارىخ: 17.09.2015 13:50:51 0 9771

پائالىيەت ئىلانى

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قىرىنداشلار ،

بۇ قىتىملىق ساڭزا سىلىش پائالىيتى باشلانغاندىن بىرى كۆپلىگەن خانىم قىزلىرىمىز ئۈزلىكىدىن كىلىپ بۇ خىزمەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى ۋە كىچە كۈندۈز دىمەي جامى ئىختىسادى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىنى قۇشۇش نەتىجىىسىدە مەركىزىمىز نىڭ ئىختىسادى قىيىنچىلىقلىرىغا مەلھەم بىرىشكە باشلىدى .بۇنىڭ بىلەن بىرگە گوللاندىيەدىكى كۆپلىگەن قىرىنداشلار بۇ پالىيەتكە ئاۋاز قۇشۇپ قىزغىنلىق بىلەن ساڭزا سېتىۋىلىپ پىلانلىغان ساندىن ئارتۇق سىتىلىشقا يول ئىچىپ بەردى .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، گوللاندىيەدىكى ۋە قۇشنا دۈلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولغان ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ،مەركىزىمىز ئۈچۈن خالىسانە كۈچ چىقىرىۋاتقان خانىم قىزلىرىمىزغا چوڭقۇر تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ مەسجىدىمىزگە ئىختىسادى كىرىم قىلىشىغا ياردەمدە بولغان پۈتۈن قىرىنداشلىرىمىزغا يەنە بىر قىتىم رەھمىتمىزنى ئىيتىمىز.

ئەزىز دوسلار، بۇ قىتىملىق زاكاس قوبۇل قىلىش ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ قىرىنداشلارنىڭ ۋاختىدا ھەركەت قىلىپ تىزدىن زاكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3 يىرىم قۇر ساڭزا 35 ياۋرۇ

 بىر كىلو ماخو : 10 ياۋرۇ

مەسئۇل :ئۆتكۈر ئەپەندىم

زاكاس قۇبۇل قىلغۇچى : نىگارە خانىم، گۇلباھار خانىم

ھۆرمەت بىلەن: ي ش ت م جەمىيىتى

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار