rfa.تاللانما خەۋەرلىرى

يېڭىلانغان تارىخ: 09.02.2016 13:34:48 يوللانغان تارىخ: 09.02.2016 13:34:48 0 4585

ئۇيغۇرلار گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2016 - يىلى 5 - فېۋرال جۈمە كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، بۇنىڭدىن 19 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەپ نامايىش قىلدى.

پائالىيەتنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 11 دىن 12 يېرىمگە قەدەر داۋام قىلدى.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە پىلاكات، لوزۇنكىلىرىنى كۆتىرىپ، جاراڭلىق شوئارلىرىنى ياڭراتقان نامايىشچىلار، غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى سادىقجان سەلەي ئەپەندى گوللاندچە ۋە خىتايچە تەييارلانغان بىر پارچە يوللانمىنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خەت ساندۇقىغا تاشلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سادىقجان سەلەي ئەپەندى مەزكۇر يوللانمىدا خىتايلارنى ئۆز سۆزىدە راستچىل بولۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشقا، ناھەق ئۆلتۈرۈش ۋە ئەيىبلەشتەك رېجىمدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلغان مەزمۇنلار يېزىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «......................................»

پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن غۇلجا نامايىشچىلىرىنىڭ روھىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق «.............................................................» دېدى.

گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىممۇ 5 - فېۋرال غۇلجىدا ئويغانغان ئەركىنلىك روھىنىڭ داۋاملىق ئەسلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئوبۇلقاسىم ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى، ھۆرلۇك، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ سۆز قىلدى.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار