مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 15.02.2016 19:48:50 يوللانغان تارىخ: 13.02.2016 17:07:21 0 7920

ئابدۇرازاق بايراق ھاجىم ۋافات بولدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىىرنداشلار ،2008 يىلدىن بىرى گوللاندىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئابدۇرازاق بايراقھاجم ۋافات بولدى(سولدا 1990-يىللار ئەرفات ،مىنا ).
(ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي).

ئابدۇرازاق بايراق ھاجىم شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھرىدىن بولۇپ ،1990 يىللاردا بىر سىياسى ۋەقەلىك تۈپەيلىدىن ۋەتەندىن ئايرىلىپ ،چەت ئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققان ۋە شۇندىن بىرى ۋەتەن سىرتىدا  دىنى ۋەتىنى مىللىتى ئۈچۈن سىياسى خىزمەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلغان شەخىسلەردىن بىرى .

مەرھۇم 1990 يىلدىن 2007 يىلغىچە ھەر يىللىق ھەج مەزگىلىدە ئەرەفات كۈنى، مىنا تىغىدا ،شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى لەپىلدتىش بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تونۇتۇش بىلەن مەشھۇردۇر.ئاللاھ قىلغان خىزمەتلىرنىڭ ئەجرىنى بەرسۇن ۋە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا سەبىر ئاتا قىلسۇن.ئامىن!

مەرھۇمنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا، ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى ئىدارە ھەيئىتى يىقىندىن ئالاقىدار بولىۋاتقان بولۇپ ، جىنازە نامىزىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر  پات ئارىدا ،بۇ تور بەت ئارقىلىق قىرىنداشلارغا خەۋەر قىلىنىدۇ.

ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى تەشۋىقات بۆلىمى.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار

كۆپ ئوقۇلغانلىرى