مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 07.05.2016 23:31:39 يوللانغان تارىخ: 06.05.2016 23:05:15 0 2950

تۇنجى قىتىملىق كېرمىس پائالىيتىمىزگە تەكلىپ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز مۇھاجىر قىرىنداشلار ،

ياۋرۇپا ئەللىرىگە مۇھاجىر بولۇپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ساننىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە بەلگىلىك دەرجىدە ئۆز مىللى مەدەنىيتى ۋە  دىنى تەسىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرى ھەمدە مەدەنىيەت ۋە قىممەت قارشىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچقاپ كەلمەكتە.
مىللى تەشكىلاتلىرى بولمىغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ، ياشاۋاتقان يەرلىرىدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە ئىجابى تەسىرى بولۇشى ئەمەس، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادىتى ،دىنى ۋە تىل تەسىرىگە ئۇچقاپ ،ئۆز ئانا تىلى ۋە دىنىنى يوقىتىش گىرداۋىغا مىڭىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.

مىللىتىمىز ئەزەلدىن، ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرى ،تىلى ،دىنى ۋە مەدەنىيتىنى قۇغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەت ئەللەردە قۇرۇلغان ئاز ساندىكى مىللى تەشكىلاتلار، چەتئەلدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ مىللى كىملىكى، تىلى، دىنىنى قۇغداپ قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كىلىشچە تىرىشىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ توختىماستىن ئىلىپ بىرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملىرى ۋە تەشكىلات ئىچىدىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلار ، مىللى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلمەكتە .
بۇ ئەھۋاللار،مىللى تەشكىلاتلارغا،مەۋجۇت قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ تىخىمۇ گۈللىنىشى ھەمدە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن يىڭى پىكىر ۋە يىڭى يوللارنى ئىزدىنىش كىرەكلىكىنى جىددى ھىس قىلدۇرماقتا .

2013-يىلى، گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى، تەشكىلات ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى مەسلىسىنى  توغرا ھەل قىلىپ جەمىيەت مائارىپىنىڭ داۋاملىق داۋام قىلىشى ئۈچۈن، خەلقئارادا ھەركەت قىلىۋاتقان  ۋە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغان مەلۇم مۇھاجىر تەشكىلاتلارنىڭ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ماس كەلگەن بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن ئۆرنەك ئىلىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈردى ۋە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ قىتىم جەمىيەت رەھبەرلىكى ،ئەتراپىدىكى تۈرك ۋە ئەرەپ قىرىنداشلارنىڭ كىرمىس(جامائەت ئىختىسادى كىرىمى ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلدىغان سىتىش پائالىيتى) دىن ئىلھام ئىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ خلىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىشقا قەدەم بىسىش ئۈچۈن، جەمىيەت مەركىزى ئالدىدىكى مەيداندا، تۇنجى قىتىملىق ئۇيغۇر كىرمىس پائالىيتى ئۆتكىزىشىنى قارار قىلدى.

ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 21-22 كۈنلىرى، سائەت :11-دىن 18-غىچە

سىتىلىدىغان  تاۋارلار

ئۇيغۇر دوپپىلىرى،كانۋاي كۆينەك ،بايراق،ئىزنەك،
ئۇيغۇرچە دىنى ۋە تارىخى كىتابلار.

سىتىلىدىغان تاماقلار :

ئۇيغۇر كاۋىپى ،ئۇيغۇر پولۇسى ،قاتارلىق ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە ھەرخىل پىرەنىكلەر .....

ئۇيغۇر چېيى، ھەرخل ئىچىملىكلەر،

ئورنى: bergweg 151 3707ac zeist

ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەدىكى (ئەر-ئايال ،بالىلاردىن تەركىب تاپقان ) كەڭ تۈرك، ئەرەپ ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، تۇنجى قىتىملىك كېرمېس  پائالىيتىگە ئاكتىپلىك بىلەن قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
(كېرمىس پائالىيتىدە قىلىنغان كىرىم جەمىيەتنىڭ چېقىملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ)

ھۆرمەت بىلەن: ي ش ت م جەمىيتى تەشۋىقات بۆلۈمى

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار

كۆپ ئوقۇلغانلىرى