مۇھىم ئېلانلار

يېڭىلانغان تارىخ: 26.05.2016 10:18:33 يوللانغان تارىخ: 25.05.2016 21:21:42 0 5850

رامىزاندا ئىپتارلىق پائالىيتىمىزگە تەكلىپ

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان باھارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان ئېيىغا مۇبارەك بولسۇن.

سۈيۇملۇك پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم دە رەۋايەت قىلغان ھەدىسدە مۇنداق دىگەن : « كىمكى بىر كىشىنى ئىپتار قىلدۇرسا،  ئاللاھ ئىپتار قىلغۇچىغا قانداق ساۋاپ ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشاش ساۋاپ ئاتا قىلىدۇ (ئىپتار قىلغۇچىنىڭ ساۋابىنى كەملەتمەسدىن)»  .

بۇ نۇقتېدىن قاراپ ياۋروپا شەرقى-تۈركىستان مائارىپ جەميىتى- يەنە بۇ يىل ئىپتارلىق پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە داستىخان ھازىرلاشنى قارار قىلدى. شۇ  مۇناسىۋەت بىلەن جەميىتىمىز بارلىق جامائەتنىڭ (ئەر-ئايال) ئىپتار پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بىرىشىنى ۋە قۇدرېتى يەتكەن قېرىنداشلارنى ئىپتارلىق بېرىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ.

جەميىتىمىزدە بولىدىغان پائالىيەتلەر تۈۋەندىكىدەك:

* 6-8 كۈنى چارشەنبە ئىپتارلىق بار (چەتئەلدىن مىھمان بار) .

*6-11 كۈنى شەنبە ئىپتارلىق ھەم سۇھۇرلۇق بار.

*6-18 كۈنى شەنبە ئىپتارلىق ھەم سۇھۇرلۇق بار (قېرىنداش مىللەتلەردىن مىھمانلار كىلىدۇ).

*6-25 كۈنى شەنبە ئىپتارلىق ھەم سۇھۇرلۇق بار.

*7-1 كۈنى جۈمە ئىپتارلىق، سۇھۇرلۇق ھەمدە قەدىر كېچىسى ئىبادىتى.

*7-2 كۈنى شەنبە ئىپتارلىق ھەم سۇھۇرلۇق بار.

ئىپتارلىق بىرىش پائالىيتىنىڭ سانى چەكلىك، شۇڭا ۋاقتىدا يازدۇرغايسىلە !

ئالاقەلاشقۇچىلار:

1-مۇھەممەدنىياز ھاجىم تېلىفون نۇمۇرى:0619552197

2-ئىساقارى تېلىفون نۇمۇرى: 0641442876

 

ھۆرمەت بىلەن :ياۋروپا شەرقى-تۈركىستان مائارىپ جەميىتى تەشۋىقات بۆلۈمى.

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار

كۆپ ئوقۇلغانلىرى