ئايلىق سۆھبەت ئىلانى

يېڭىلانغان تارىخ: 01.06.2016 23:05:52 يوللانغان تارىخ: 01.06.2016 23:05:52 0 12820

رامىزانلىق سۆھبەت پائالىيتىمىزگە تەكلىپ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، گوللاندىيەدىكى ئەزىز ئۇيغۇر قىرىنداشلار ،
مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا ، مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىرلىك ۋاقتى بولغان بۇ شەرەپلىك ئايدا ئىبادەتلىرىمىزنڭ تىخىمۇ گۈزەل بۇلىشى ۋە پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ جانلىق بۇلىشىنى كۆزدە ھەر ئايدا بىر قىتىمى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ئايلىق سۆھبىتىمىزنى ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە يەنى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 14:00 دە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيتىمىزدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق .


بۇ قىتىملىق ئايلىق سۆھبەت بىر ئاز كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، سۆھبىتىمىز گە قاتناشقان جامائىتىمىز ، رامىزان ئايلىق ئىبادەت ۋە پائالىيەتلىرىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئورتاق مەسلىھەتلىشىش بىلەن بىرگە ، جەمىيىتمىزنىڭ مائارىپ بۆلۈمى ئىلىپ بىرىۋاتقان ، 2016 - يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى ھەققىدە توختىلىنىدۇ. ھەمدە  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ  بۇ يىللىق ئەلا نەتىجىلىرى باھالىنىپ تەقدىرلەش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىدۇ .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەمىيتىمىزدە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار ۋە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ياشاۋاتقان كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ  بۇ قىتىملىق سۆھبەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئورنى :bergweg151 3707ac zeist

ھۆرمەت بىلەن : ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى

 

ئىنكاس يوللاش

ئىسىم:

ئىنكاسلار (0)

تەۋسىيە قىلىنغان فىلىم

دۆلەت مارشى ئوقۇتۇلغان ئۇيغۇرلار